Windows 7 گە يوشۇرۇنغان ئېكراننى سۈرەتكە تۇتۇش ئىقتىدارى – تەدبىر خاتىرىلىگۈچ

كومپيۇتېر ئىشلەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ: شۇنداق بىر كۈنى كومپيۇتېردىن مەسىلە چىقىپ قالىدۇ، مەلۇم بىر مەشغۇلاتنى ئۇنتۇپ قالىمىز، شۇ سەۋەپتىن باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا ياكى باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا بىز باشقىلارنىڭ ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، قانداق قىلىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا قىزىقىمىز ۋە تەپسىلىي بىر دەرسلىك بولسىكەن، ياكى مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تەپسىلىرەك كۆرۈپ ئۆگىنىۋالغان بولسامكەن دېگەندەك خىياللاردا بولىمىز. ئەمما ھەرخىل شارائىت چەكلىمىلىرى تۈپەيلى، بەزىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە، يۈز-تۇرانە ئولتۇرۇپ كۆرسىتىپ قويۇشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلىنى باشقىلارغا يېزىپ بەرسەكمۇ، باشقىلارنىڭ ئۇنچە ئاسان چۈشىنەلىشى ناتايىن.

ئەمەلىيەتتە، Windows 7 ئۆزىدە «تەدبىر خاتىرىلىگۈچ(مەن مۇشۇنداق ئاتىۋالدىم)» دەيدىغان بىر ئېكران سۈرەتكە تۇتۇش قورالى تەمىنلىگەن بولۇپ، يۇقارقىدەك ئېھتىياجىمىزدىن ناھايىتى ياخشى چىقالايدۇ دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار Win7 نىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن بولغاچ، ھېچقانداق بىرەر يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش ھاجەتسىز. بىۋاستە مەشغۇلاتنى سۈرەتكە تۇتۇپ، ئاندىن باشقىلارغا ئەۋەتىپ بەرسەكلا بولدى.

كۇنۇپكا تاختىسىدىن Win+R نى(win دېگەن windows نىڭ تۇغى بار كۇنۇپكا شۇ!) باسساق 运行 كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، ئاندىن psr.exe نى كىرگۈزۈپ Enter نى باسساقلا، تەدبىر خاتىرىلىگۈچ قوزغىلىدۇ!

开始记录 كۇنۇپكىسىنى باسساق، تەدبىر خاتىرىلىگۈچ ئېكراننى سۈرەتكە تۇتۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. بىز تەلەپ بويىچە مەشغۇلاتلارنى ئورۇندىساقلا كۇپايە، بىزنىڭ ھەر بىر مائۇس چېكىشىمىز بىر سۈرەت شەكلىدە تۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

مەسىلىلەر ئۈچۈن ئىزاھات بېرىپ مېڭىش
ناۋادا مەلۇم مەشغۇلات ئۈچۈن ئازراق يازمىچە چۈشەنچە بېرىپ قويماقچى بولساق، 添加注释 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، يازمىچە ئىزاھات بېرىپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ چاغدا قارشى تەرەپنىڭ مەسىلىنى چۈشىنىشىگە بەلكىم تېخىمۇ كۆپ ياردىمى تېگىشى مۇمكىن.

ئېكراندىن تۇتۇلغان ھۆججەتنى ساقلاش
سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقان بولسا، 停止录制 كۇنۇپكىسىنى باسساق سۈرەتكە ئېلىش توختايدۇ ۋە خالىغان بىر نامدا ساقلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، نام بېرىپ جەزملەشتۈرسەك، شۇ نامدا كېڭەيتىلگەن نامى zip بولغان بىر پرېس ھۆججەت بەلگىلىگەن مەنزىلگە ساقلىنىدۇ.
بۇ پرېس ھۆججەتنى يايساق، بىر دانە MHTML ھۆججىتىنى بايقىيالايمىز، بۇ MHTML نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلساق، بىزنىڭ بايامقى مەشغۇلاتلىرىمىز تەپسىلىي ھالدا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇنى ھەتتا پرويېكسىيە شەكلىدە قويۇشقىمۇ بولىدۇ، باشقىلارغا بىرەر مەسىلە چۈشەندۈرۈشتىمۇ بەك قولايلىق، شۇنداقمىكەن؟

مەزكۇر يازما ئادىرسى :
يوللىغۇچى : يۇرتىمىز مەنبەسى : تورخۇمار تورى ۋاقتى : 2011-3-10 16:37:51 ئاۋاتلىقى :
خەتكۈچ : Windows
( ) نەپەر تورداش باھا قالدۇرۇپ بولدى جۇما !
كۆز قارىشىمنى قالدۇرۇپ قوياي
تەخەللۇس
Copyright © Yurtimiz.com.cn 2006-2011 Yurtimiz Web Design Studio ALL Rights Reserved. 备案序号:新ICP备10202281号-1 
QQ:409001892 E-mail:yarken@yahoo.cn قىززىق لىنىيەت تېلېفۇنى : 13139877631( ئوبۇلقاسىم )
بىكىتىمىز قانۇنىي قوغدىلىنىشقا ئېرىشكەن، ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ !
مەزكۇر بىكەت W3C ئۆلچەم تەستىقىدىن ئۆتۈزۈلگەن !
مەزكۇر بىكەت ئۇچۇر مىنىستىرلىكى تەستىق ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن