
techweb تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى رېن رېن (人人) تورى IPO ئىلتىماسىنى يوللىدى. بۇ جۇڭگودىن تۇنجى بولۇپ چەتئەل بازارلىرىغا يۈرۈش قىلغان تار مەنىدىكى SNS (يەنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى، كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا QQ مۇ بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدۇر). بەزىلەر مۇنداق سورىدى:« نېمىشقا جۇڭگوداFacebook بازار قىممىتىنى 10 ھەسسىلەيدىكەن Twitter غا قارشى بولغىنى مىكرو بلوگ مۇلازىمىتىگە سېلىشتۇرغاندا SNS مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئەۋج ئالىدۇ؟» دەپ سورىدى. مەن بۇنىڭغا قىسقىنىغا قىلىپ جاۋاب بېرەي، چۈنكى مىكرو بلوگ ئويناۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى كاتتىۋاشلار، قارشى قىلىپ ئېيتقاندا، SNS دېگەن بىر كىچىك تىجارەت.بەلكىم بۇ گەپ سەل قوپالراق ئاڭلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ سەۋەبى ھەقىقەتەن كۆپ.
رېن رېننىڭ بۇ قېتىمقى نىشانى 530 مىليون ئامېرىكا دوللىرى يۈرۈشتۈرۈش مەبلىغىگە ئېرىشىش، ئەگەر ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازارغا چىقالىسا، ئۇ ھالدا جۇڭگو SNS بازىرىدا ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بىر رىقابەتچى مەيدانغا كېلىدۇ ھەمدە مىكرو بلوگ تىجارىتىگە بىر زەربە بولىدۇ. ئەمما رېن رېننى كۆككە كۆتۈرۈپ «جۇڭگونىڭ Facebook ى»دېسە، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانغان بولىدۇ. ئەگەر كونكرېت تىجارەت ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن بۇ ئۇنچە تەس مەسىلىمۇ ئەمەس.
رېن رېننىڭ %42 كىرىمى ئېلاندىن كېرىدۇ. ھازىر ئۇ 32 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كۆلەمگە ئىگە. ئەمما بۇ ئېلان كىرىمى بىر نەچچە چوڭ شىركەتتىن كېلىدۇ: 2010-يىلى 248 نەپەر ئېلان ئىگىسى بۇ سانلىق مەلۇماتقا ھەسسە قوشقانىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى %94 بولسا ئېلان چېكىش ۋاقتىنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىدىغان كەڭ تارقالمايدىغان CPM دىن ئىبارەت. بۇ خىل سودا كىرىمى شەكلى بۇ بىر قىسىم ئېلان ئىگىلىرى بىلەن خادىملارنىڭ (تىجارەت خادىملىرى) بىلەن بىر-بىرلەپ سۆھبەتلىشىشتىن مەيدانغا كەلگەن. ئەمما بۇ خىل سودا كىرىم شەكلىنىڭ خەتەرلىك يېرى شۇكى، كىرىم جەھەتتىكى ئېشىش مۇقەررەر ھالدا چىقىم جەھەتتىكى ئاۋۇشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مالىيە دوكلاتىدىن شۇنى كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، گەرچە بىر قانچە يىلدىن بۇيان چىقىم ئازلىغان بولسىمۇ، ئەمما 2010-يىلىغا كەلگەندە كىرىم-چىقىم نىسبىتىدە چىقىمنىڭ ئۈلۈشى %60 نى ئىگىلىگەن.
ئەمما Facebook بىلەن ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئېلان شەكلىنى ئېلىشتىن باشقا، يەنە ئېلېكترونلۇق سودا شەكلىنى ئالغان. شۇڭلاشقا، بۇ جەھەتتە رېن رېن تورىغا خېلى ۋاقىت كېتىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، رېن رېن تورىنىڭ بازارغا چىقىشى بىر خىل تاقەتسىزلىكتىن بولغان خالاس، ئۇ ھەرگىزمۇ «سۇ كېلىپ، ئىرق پەيدا بولغان» لىق ئەمەس. مىكرو بلوگتىن ئۇنىڭغا كەلگەن بېسىم ناھايىتى زور، كۆڭۈل ئېچىش تورى (开心网) بىلەن بولغان رىقابەتمۇ ئۇنىڭ رەقىبىنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
ئۇنداقتا بۇنىڭدا «كۆپۈك» مەۋجۇتمۇ؟ «كۆپۈك» بەربات بولامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. رېن رېن بازارغا چىقسىلا، كاپىتال ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەلكىم ئۇ بازارغا چىقىپ، ھازىرقى بەزى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلىۋالار. ئەمما شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، 2012-يىلى ئالاقە تورى ئىقتىسادى ئۈچۈن بالايىئاپەت كۆپ بولىدۇ.

