مىكروسوفت خەنزۇچە Mac Office نى ئېلان قىلدى

سىنا تورىنىڭ بېيجىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرى، مىكروسوفت (جۇڭگو) جۇڭگودىكى Mac ئابونتلىرىغا خەنزۇچە Office for Mac 2011 نىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھەقىقىي نۇسخىسى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. نۆۋەتتە، جۇڭگودىكى Mac ئابونتلىرى مىكروسوفتنىڭ جۇڭگودىكى تور بېكىتىدىن مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈۋالسا بولىدىكەن. مىكروسوفت مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى جۇڭگودىكى Mac ئابونتلىرى ئۈچۈن بىر ئاي ھەقسىز ئىشلىتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرى بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ھەقىقىي نەشرى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. Mac ئابونتلىرى بۇ يۇمشاق دېتالنى http://www.microsoft.com/china/office/mac/trial تىن چۈشۈرۈۋالسا بولىدىكەن. مىكروسوفت خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان Office for Mac 2011 نىڭ ئىقتىدارلىرى ناھايىتى مۇكەممەل بولۇپ، ئۇ يەنە بىر قىسىم ئۆزگىچە بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى قوللىغاندىن باشقا، ھەر خىل خەنزۇچە خەت شەكلى، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى ۋە خەنزۇچە بەت ياساشنى قاتارلىقلارنى قوللايدىكەن. مىكروسوفت Office for Mac تۈرىنىڭ دىرېكتور باش نازارەتچىسى Richard Sprague تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«Office for Mac 2011 مىكروسوفتنىڭ سىياتىل، كرېمنىي جىلغىسى ۋە بېيجىڭدىكى ئېچىش ئەترىتى بىلەن ھەمكارلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭدىكى ئېچىش ئەترىتى Excel نى ئېچىش ۋە Office for Mac 2011 نىڭ خەنزۇچە نەشرىنى ئېچىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولدى». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:«مىكروسوفت 2006-يىلىدىن باشلاپ Mac نى ئېچىش ئەترىتىنى تەشكىللىگەن. دەسلەپتە بۇ ئەترەتتە ئاران تۆت ئادەم بار ئىدى. نۆۋەتتە بۇ تۈرگە مەسئۇل بولىدىغان ئادەم 50 دىن ئېشىپ كەتتى». مىكروسوفت Office for Mac 2011 نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى بۇ يىل 6-ئاينىڭ دەسلىپىدە رەسمىي ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ سېتىلىش باھاسى ۋە بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلار توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن.

مەزكۇر يازما ئادىرسى :
يوللىغۇچى : يۇرتىمىز مەنبەسى : بىكىتىمىز ۋاقتى : 2011-5-6 16:05:19 ئاۋاتلىقى :
خەتكۈچ : Office
( ) نەپەر تورداش باھا قالدۇرۇپ بولدى جۇما !
كۆز قارىشىمنى قالدۇرۇپ قوياي
تەخەللۇس
Copyright © Yurtimiz.com.cn 2006-2011 Yurtimiz Web Design Studio ALL Rights Reserved. 备案序号:新ICP备10202281号-1 
QQ:409001892 E-mail:yarken@yahoo.cn قىززىق لىنىيەت تېلېفۇنى : 13139877631( ئوبۇلقاسىم )
بىكىتىمىز قانۇنىي قوغدىلىنىشقا ئېرىشكەن، ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ !
مەزكۇر بىكەت W3C ئۆلچەم تەستىقىدىن ئۆتۈزۈلگەن !
مەزكۇر بىكەت ئۇچۇر مىنىستىرلىكى تەستىق ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن