
تېڭشۈن تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى، دۆلەت ئىچىدىكى سىن تور بېكىتى «迅雷看看» يېقىنقى كۈنلەردە www.kankan.com تور نامىنى رەسمىي ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى ئېلان قىلغان. يېڭى تور نام ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، «看看» ماركىسى ئاخىرى تور نامى بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلغان.
ئىچكى قىسىمدىكى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، www.kankan.com تور نامىغا ئىلگىرى چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى كىشىلەر ئىگىدارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شۈنلۈي (迅雷) بىر مىليون خەلق پۇلىغا سېتىۋالغان. بۇ تور نامنى سېتىۋېلىشتا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مەقسەت بار ئىكەن، بىرى، بۇ تور نام ئارقىلىق تورداشلارغا تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش، يەنە بىرى بولسا بۇندىن كېيىن تور سىنى ساھەسىگە تېخىمۇ كىرىشىش.
گەرچە يېڭى تور نام ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كونا ئابونتلار يەنىلا xunlei.com دېگەن كونا تور نام ئارقىلىق مەزكۇر تور بېكەتنى زىيارەت قىلغان. شۈنلۈينىڭ تور باش تىجارەت مەسئۇلى لو ۋېي مەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« 4-ئاينىڭ 15-كۈنى پەقەت باش بەتكە نىسبەتەن بىر قېتىملىق كۆچۈش ئېلىپ باردۇق، پەرىزىمىزچە ئىككىنچى پەسىلدە پۈتۈن تور بېكەتنىڭ كۆچۈش خىزمىتى تاماملىنىدۇ. بۇ قېتىم xunlei.com تارىخىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، يېڭى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ».
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شۈنلۈينىڭ يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى چۈشۈرۈش ساھەسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، تور سىنى ۋە ئىزدەش مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەر بىر خىل مۆتىدىل رەۋىشتە تەرەققىي قىلغان.
نۆۋەتتە «迅雷看看» مەملىكەت ئىچىدىكى 170 تىن ئارتۇق فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە شىركەتلىرى بىلەن ستراتىگىيلىك ھەمكارلىق ئورناتقان. بۇلار تەمىنلىگەن كىنولار ھەقىقىي نەشردىكى كىنولار بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كىنولار ئىكەن.

