ئۇزاق مۇددەت كۈتۈشتىن كىيىن قىياس تور دىسكىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. قىياس تور دىسكىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى ئۇيغۇرچە ماتېرىيال ھەمبەھرلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بەلگىلىك پايدىسى ۋە تەسىرى بار.
ھەممەيلەن بىلىمىز، بۇندىن ئىلگىرى چۈپەن، يوۇۋدەن، 115 ، ماي درىۋ ، چىيەنناۋ قاتارلىق بىرقىسىم نادىر تور دىسكىلىرى بارلىققا كەلگەن، ھەم شۇنداقلا رايونىمىز بىكەت باشلىقلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشگە مۇيەسسەر بولغان . لېكىن يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان رايونىمىز تەۋەسىگە تەمىنلەنگەن مۇلازىمەتلىرىدە مەزمۇنى تازا ساغلام بولمىغان ئېلانلار كۆرۈلۈشكە باشلىغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىياس تورى ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر ۋە تورداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ 10مىگابايىتتىن 20 گىگابايىتقىچە(ھەر ئەزا) بولغان ھەمبەھرلىنىش تور دىسكىنى ئىشقا كىرىشتۈردى .
تور دىسكىسىنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
1. بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان مەزمۇن يوللاشقا بولمايدۇ.
2. قانۇنغا خىلاپ ھەرقانداق مەزمۇن بار ماتېرىيال يوللاشقا بولمايدۇ.
3. سەزگۈرلىكى ئىشىپ كەتكەن ماتېرىيال يوللاشقا بولمايدۇ.
4. دىن ۋە سىياسىغا دائېر ماتىرىيال يوللاشقا بولمايدۇ.
5. ۋېروس يوللاشقا بولمايدۇ.
ئەگەردە قانۇنغا خىلاپ مەزمۇن يوللانغان بولسا، يوللىغۇچىنىڭ خاتىرىلەنگەن ئۇچۇرى بارلىق بىخەتەرلىك ئاپاراتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىلىدۇ.
تور دىسكا ئادرېسى: http://www.kiyas.org
تۇنجى تىزىملاتقاندا 500 مىگابىت بېرىلىدۇ (يەككە ھۆججەت 100 مىگابايىت، كېڭەيتىلسە 1 گىگابايىتقا يىتىدۇ). ئەگەردە بوشلۇق توشۇپ كىڭەيتىشكە توغرا كەلسە ھەر بىر ئەزا 20 گىگابايىتقىچە كېڭەيتەلەيدۇ.

